ئەردوغان: ئەزىز خەلقىمىزگە ۋە دوستلىرىمىزغا ئىشەنچ بېغىشلاۋاتقان بىر تۈركىيە بار
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزىز خەلقىگە ۋە بارلىق دوستلىرىغا ئىشەنچ، ئۈمىد بېغىشلاۋاتقان ھەم چەكسىز ھاياجانغا سېلىۋاتقان بىر تۈركىيەنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ قارس ۋە قاراماندا چاقىرىلغان 7 – نۆۋەتلىك ۋىلايەتلىك پەۋقۇلئاددە يىغىنلىرىغا ئىستانبۇلدىكى «ۋاھدەتتىن سارىيى» دىن نەق مەيداندىن ئۇلىنىپ قىلغان سۆزىدە، ئىقتىسادىي، قانۇنى ۋە دېموكراتىيە ساھەلىرىدە يېپيېڭى بىر سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ئەزىز خەلقىمىزگە ۋە بارلىق دوستلىرىمىزغا ئىشەنچ، ئۈمىد بېغىشلاۋاتقان ھەم ئۇلارنى چەكسىز ھاياجانغا سېلىۋاتقان بىر تۈركىيە بار.»
«ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمى توغرىلىقمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەزىز خەلىمىزدىن، ھازىرقىدەك ھاقىلىق بىر پەيتتە، بىز يولغا قويۇۋاتقان <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىگە سەزگۈرلۈك بىلەن رىئايە قىلىشىنى كۈتۈۋاتىمەن. پىرىنسىپلار ھەم تەدبىرلەرگە رىئايە قىلمىغان ۋە سالامەتلىكىمىزنى ئۆزىمىز قوغدىيالمىغان تەقدىردە، بۇ يۈكنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشتا قىينىلىشىمىز مۇمكىن.»