تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئەرمېنىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرىدۇ

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىرىدا سادىر قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرىدۇ.

1527773
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئەرمېنىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرىدۇ
tbmm komisyonu baku.jpg
erm. azerbaycan saldiri.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش كومىتېتى قارمىقىدا قۇرۇلغان «ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن باشلانغان سۈركىلىش ۋە توقۇنۇش باسقۇچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە تۈركىيەدىكى ئەرمەن پۇقرالارنىڭ ئەھۋالى تۆۋەن كومىتېتى» نىڭ ئەزالىرى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇغا يېتىپ باردى.

كومىتېت باشلىقى ھاقان چاۋۇشئوغلۇ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت، ئەزەربەيجان باش تەپتىشى قامران ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

باش تەپتىش ئېلىيېۋ، ئەرمېنىيەنىڭ 27 – سېنتەبىردىن تارتىپ ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە ماددىي زىيانلار مەسىلىسىدە ھەيئەتكە مەلۇمات بەردى، ھەمدە ئەزەربەيجاننىڭ ھەققاني دەۋاسىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر