دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەزەربەيجان ئارمىيەسىگە ئاتاپ مەخسۇس ۋىدېئو ئىشلىدى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تاغلىق قاراباغدا مىسلىسىز زەپەر قازانغان ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىگە ئاتاپ مەخسۇس ۋىدېئو ئىشلىدى.

1527776
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەزەربەيجان ئارمىيەسىگە ئاتاپ مەخسۇس ۋىدېئو ئىشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلىگەن، «تاغلىق قاراباغدا مىسلىسىز زەپەر قازىنىش ئارقىلىق بىزنى پەخىرلەندۈرگەن ئەزەربەيجان تۈركى قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە ئۇلارنىڭ قەھرىمان ئارمىيەسىنىڭ قەھرىمان ئەسكەرلىرىگە بېغىشلاندى» تېمىلىق ۋىدېئودا، تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.

ۋىدېئودىكى كۆرۈنۈشلەرگە، «ئالاھىدە ھەربىي خادىملارنىڭ قەسىمى» تەڭكەش قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر