ئىبراھىم قالىن MI6 تاشقى ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى مۇر بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئەنگلىيە تاشقى ئىستىخبارات ئىدارىسى – MI6 نىڭ يېڭى دىرېكتورى رىچارد مۇر بىلەن كۆرۈشتى.

1526222
ئىبراھىم قالىن MI6 تاشقى ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى مۇر بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن بىلەن رىچارد مۇرنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە – ئەنگلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ گۈللەندۈرۈلۈشى، ئىككى دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك ۋە تاشقى سىياسەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇھاكىمە قىلىندى.

قاراباغ مەسىلىسى بىلەن لىۋىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ ئەتراپلىق شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقىي ئاقدېڭىز رايونلىرىدا مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان ئورتاق خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر