ئەردوغان ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1526696
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسوننىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە – ئاۋسترالىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر ۋە خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش تېمىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاۋسترالىيەنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇھىم شېرىك ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە ئوخشاش كۆز قاراشتىكى دوستانە دۆلەت دەپ بىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن.