تۈركىيەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 2021 - يىلى «خەلقئارا سەھىيە خادىملىرى يىلى» ئېلان قىلىندى

تۈركىيە، 2021 – يىلىنى «خەلقئارا سەھىيە خادىملىرى يىلى» دەپ ئېلان قىلىش قارارىنىڭ، سەھىيە خادىملىرىغا بولغان مىننەتدارلىق ۋە شۇكران تۇيغۇلىرىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئەكس ئېتىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1526231
تۈركىيەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 2021 - يىلى «خەلقئارا سەھىيە خادىملىرى يىلى» ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ باشلامچىلىقىدىكى خەلقئارانىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە 2021 – يىلىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن «خەلقئارا سەھىيە خادىملىرى يىلى» دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

باياناتتا، «مەزكۇر قارار، كوۋىد – 19 يۇقۇمىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان جاپالىق كۈرەشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن پىداكار سەھىيە خادىملىرىغا بولغان مىننەتدارلىق ۋە شۇكران تۇيغۇلىرىنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئەكس ئېتىشىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجانىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، 2021 – يىلىنى پۈتكۈل دۇنيادا «خەلقئارا سەھىيە خادىملىرى يىلى» دەپ ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر