تۈركىيە بىلەن رۇسىيە قاراباغدا ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، تاغلىق قاراباغ مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1525629
تۈركىيە بىلەن رۇسىيە قاراباغدا ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ تېلېفون كۆرۈشۈشىىدە، تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى بىلەن تاغلىق قاراباغ ۋە سۈرىيەنى ئاساس قىلغان رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنغان.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىدە، ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسىغا مۇناسىۋەتلىك توغرا قەدەم تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە بىرلىكتە زور ھەسسىلەرنى قوشقان بۇ مۇھىم پۇرسەت ئۆتۈپ كەتمەستىن ئادىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئارقىلىق رايوندا مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، يېتىپ كېلىنگەن نۇقتىدا، ئەڭ مۇھىم ئىشنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا ۋە ئورتاق باياناتتا تىلغا ئېلىنغان ۋەدىلىرىگە بويسۇنۇشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىدىن ئازاد قىلىنغان زېمىنلاردا ئەزەربەيجان تەرىپىدىن بېكىتىلىدىغان يەردە قۇرۇلىدىغان ئورتاق مەركەز ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىش پائالىيەتلىرىدە بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ مەسىلىدە رۇسىيەگە مۇھىم مەسئۇلىيەتنىڭ چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالى سەۋەبلىك قاراباغدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشىنىڭ ۋە ئەزەربەيجان-نەھچىۋان ئارىسىدا بىر كارىدور ئېچىلىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تاغلىق قاراباغنىڭ رايونلۇق توقۇنۇش ۋە كىرىزىسلارنى ھەل قىلىشتا، تۈركىيە-رۇسىيە ھەمكارلىقى ئۆزىنىڭ ئەھمىيىتىنى نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئوخشاش بولغان ھەمكارلىق روھىنىڭ سۈرىيە كىرىزىسى ئۈچۈنمۇ جارى قىلىدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇ يەردىمۇ ئوخشاش مېخانىزمنى ئورنىتالايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر