ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ بايراق بايرىمىنى تەبرىكلىدى

ئەردوغان تېلېگرامما تارقىتىپ، خەلقئارا سەھنىدە «ئىككى دۆلەت بىر مىللەت» ھالىتىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئەزەربەيجاننىڭ 9 - نويابىر دۆلەت بايرىقى بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

1524858
ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ بايراق بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ، تاغلىق قاراباغنىڭ ھەممىلا يېرىدە شانلىق ئەزەربەيجان بايرىقى ئەركىن لەپىلدىگۈچە ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان تېلېگرامما تارقىتىپ، خەلقئارا سەھنىدە «ئىككى دۆلەت بىر مىللەت» ھالىتىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئەزەربەيجاننىڭ 9 - نويابىر دۆلەت بايرىقى بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

ئەزەربەيجانلىق مەرھۇم شائىر بەختىيار ۋاھاپزادەنىڭ، ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە «بىر ئانىنىڭ ئىككى پەرزەنتى» دەپ ئېنىقلىما بەرگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئەردوغان، ئىككى قېرىنداش دۆلەتنىڭ تاشلىغان قەدەملىرى ئارقىلىق پەقەت ئېغىزدىلا ئەمەس، سىياسەتتىن دىپلوماتىيەگىچە، ئېنېرگىيەدىن مۇداپىئەگىچە بولغان بارلىق ساھەلەردە ھەقىقىي قېرىنداش ئىكەنلىكىنى پۈتكۈل دۇنياغا نامايان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئەزەربەيجاننىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى قارارلىرىغا قارىماي 30 يىلغا يېقىن ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالى ئاستىدا تۇرغان تاغلىق قاراباغدىكى زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش كۈرىشىنى چىن دىلىمىز ۋە پۈتكۈل ئىمكانىيەتلىرىمىز بىلەن قوللايمىز. قەدىمىي تۈرك شەھىرى شۇشانىڭ ئىشغالدىن ئازاد قىلىنىشى بىلەن بىزنىڭ مۇتلەق غەلىبىگە بولغان ئىشەنچىمىز ۋە ئۈمىدىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى. بىز، قەھرىمان ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئالدىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ئەرمېنىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ قان تۆكۈلمەستىن ئىشغال قىلىۋالغان زېمىنلارنى ھەقىقىي ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى ئارزۇ ۋە ئۈمىد قىلىمىز. تۈركىيە، تاغلىق قاراباغنىڭ ھەممىلا يېرىدە شانلىق ئەزەربەيجان بايرىقى ئەركىن لەپىلدىگۈچە ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ قاراشلار بىلەن قەدىرلىك قېرىندىشىم پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ ئارقىلىق ئەزەربەيجان تۈركلىرىنىڭ بايراق بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن؛ ۋەتەن، بايراق، ئەزان ۋە مۇستەقىللىق يولىدا جانلىرىنى پىدا قىلغان ئېزىز شېھىتلىرىمىزنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر