ئەردوغان: ھازىرقى دۇنيا تەرتىپى داۋاملىشالمايدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھازىرقى مەۋجۇت دۇنيا تەرتىپىنىڭ داۋام قىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

1524698
ئەردوغان: ھازىرقى دۇنيا تەرتىپى داۋاملىشالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا 12-قېتىملىق باش ئەلچىلەر كونفېرانسىدا سۆز قىلدى.

ئۇ باش ئەلچىلەرنىڭ بۇ يىل (2020) دەرىجىدىن تاشقىرى مۇھىم ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشتىن باشقا، يېڭى ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ سەھىيە كىرىزىسى بولغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، بۇ مەزگىلدە ئىقتىسادىي نۇقتىدىن ئىنتايىن كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ سەھىيە ئۇل-ئەسلىھەلىرىنىڭ قانچىلىك ئاجىز ئىكەنلىكىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ بۇ مۇساپىدىن ئىمتىھاندىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ توغرىنىڭ ئورنىغا كۈچلۈكنى، كۆپ سانلىقنىڭ ئورنىغا بىر سىقىم ئاز سانلىقنى، كەمبەغەلنىڭ ئورنىغا باينى قوغدايدىغان ھازىرقى مەۋجۇت دۇنيا تەرتىپىنىڭ داۋام قىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە كۆپ مەركەزچىلىككە يۈزلىنىشنىڭ ۋە رايونلىشىشنىڭ بارغانسېرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«تەمىنلەش زەنجىرلىرى يېڭىدىن بۆلۈشۈلگەن، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىرانسىپورت مەركەزلىرى تەكرار بېكىتىلگەن، يېڭى رايونلۇق ئىتتىپاقداشلار قۇرۇلغان، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھە قايتىدىن شەكىللەنگەن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز. دۆلىتىمىزنى ۋە خەلقىمىزنى پۇشايمان قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن قەتئىي قارارغا ئىگىمىز. دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى مەزگىلنىڭ قۇرغۇچى ئىرادىلىرىدىن بىرى بولۇشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز.»

ئۇ كۈنىمىزدە لىۋىيەدە سىياسىي ھەل قىلىش ئۈمىدلىرى قايتىدىن ياشنىغان بولسا، بۇنىڭدا تۈركىيەنىڭ ۋاقتىدا ھەرىكەت قىلىشىنىڭ مۇھىم ھەسسىلەرنى قوشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ھەر خىل ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈكىنى زىممىسىگە ئالغان دۆلىتىمىزنىڭ، تەبىئىي بايلىقلار تىلغا ئېلىنغاندا، يوق ھېسابلىنىشىغا رازى بولمىدۇق. پات يېقىندا شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى قېدېرىپ-تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى توغرىسىدا خۇش خەۋەرلەرنى ئاڭلايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك كورلۇقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇشانىڭ ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىدىن ئازاد قىلىنىشى بىلەن خۇشاللىق ئۈمىدلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تاغلىق قاراباغدىكى ئىشغال ئاخىرلاشقىچە كۈرەش بايرىقىنىڭ چۈشمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى سەۋىيەسىدە ئىلھاملاندۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ۋە قوللاشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىش، ھەم ئېتىقادىمىزنىڭ ھەمدە چەت ئەللەردىكى پۇقرالىرىمىزغا بولغان مەسئۇلىيىتىمىزدۇر» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر