ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن – باسيان ۋە « ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1523100
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن – باسيان رايونىدا چارلاش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى بىر تېررورچى، <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەشەببۇس قىلغان پ ك ك/ي پ گ لىق بىر تېررورچى، ئالاھىدە قىسىملىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر