ئىزمىردا يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار 114 كە چىقتى
تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى ئىرمىردىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
1521407
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى ئىرمىردىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى 30-ئۆكتەبىر ئىزمىر دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن 6.6 بال يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 114 كە، يارىلانغانلار 898 گە چىققان. يارىلانغانلاردىن 137 كىشى داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان.
ئىزدەش-قۇتقۇۇش خىزمەتلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئىككى بىنانىڭ خارابىلىقىدا داۋاملاشماقتا.