جۇمھۇر رەئىسلىك كابىنېتى يىغىنى ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلىدىغان بولدى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا سائەت 15:00 دە ئۆتكۈزۈلىدىغان كابىنېتى يىغىنىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كۈنتەرتىپى ئىزمىردىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى بولىدۇ.

1521133
جۇمھۇر رەئىسلىك كابىنېتى يىغىنى ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىندا ئىزمىرنىڭ  ۋەزىيىتى ۋە يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ يارىسىغا مەلھەم بولۇش  ئۈچۈن تاشلانغان قەدەم ۋە پىلانلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

يىغىننىڭ يەنە بىر مۇھىم كۈنتەرتىپى كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش بولىدۇ.

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تۈركىيەدىكى يۇقۇم ۋە ۋاكسىنا تەتقىقاتىنىڭ ئىلگىرىلەشلىرى ھەققىدە كابىنېت ئەزالىرىغا مەلۇمات بېرىدۇ. يۇقۇمغا قارىتا قوللىنىشقا تېگىشلىك يېڭى تەدبىرلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مۇھىم تېمىلارنىڭ بەزىلىرى ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە ئۇرۇش لىنىيەسىدىكى يېڭى ئەھۋاللار، تېرورلۇققا قارشى كۈرەش، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە سۈرىيە مەسىلىلىرى بولىدۇ.

يىغىندىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بايانات ئېلان قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر