ئەردوغان ئىزمىردا ئاپەت رايونىنى زىيارەت قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىزمىردىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان رايوننى زىيارەت قىلدى.

1519599
ئەردوغان ئىزمىردا ئاپەت رايونىنى زىيارەت قىلدى
İZMİR DEPREM
izmir.jpg
izmir deprem.jpg
Izmir.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بورنوۋا رايونىدىكى كرىزىس مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن كېيىن، يەر تەۋرەش ئەڭ چوڭ زىيان سالغان بايراقلى ناھىيەسىگە يېتىپ باردى.

ئەردوغان بۇ يەردىكى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنا خارابىلىرى رايونىغىچە بېرىپ، مۇھىت ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى  مىنىستىرى مۇرات قۇرۇم ، ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (AFAD) باشلىقى مەھمەت گۈللۇئوغلۇ شۇنداقلا ئالاقىدار مەسئۇللاردىن  خىزمەتلەر ھەققىدە مەلۇمات ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر