ئەردوغان : دۆلەت پۈتكۈل ئىمكانلىرى بىلەن ئىزمىرنىڭ يېنىدا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ دۆلەتنىڭ پۈتكۈل ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ئىزمىردە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان پۇقرالارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1519297
ئەردوغان : دۆلەت پۈتكۈل ئىمكانلىرى بىلەن ئىزمىرنىڭ يېنىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ، ۋان ۋىلايەتلىك  ئاتاتۈرك شەھەر تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن 7 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا، ئىزمىردە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى توغرۇلۇق توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىنلا مىنىستىرلىرىمىز، پارلامېنت ئەزالىرىمىز، بارلىق دۆلەت ئورۇنلىرىمىز، تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىمىز، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىمىز، مۈرىنى مۈرىگە تېرەپ كۈرەش قىلىپ، ئىزمىرلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشقا تىرىشتۇق. ئىزمىردىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆي - ماكانلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن پۇقرالىرىمىزغا، خۇدايىم بۇيرۇسا، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېڭىلىرىنى سېلىپ، تاپشۇرۇپ بېرىمىز.»

ئىزمىرنىڭ سەفەرىھىسار  ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە تۈنۈگۈن 6.6 بال يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن. سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھازىرغىچە 26 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەنىدى: «يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 26 كىشى قازا قىلدى، 25 كىشى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە داۋالىنىۋاتدۇ، 381 كىشىنى داۋالاش ئىشلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ. يەنە 4 ئوپېراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. 504 كىشىنى داۋالاش خىزمىتى تاماملاندى. 112 جىددىي ياردەم بېرىش ئەترەتلىرى، مىللىي داۋالاش، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى، قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى ۋە دوختۇرخانىلىرىمىز بىلەن ئىزمىردە داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەۋاتىمىز.»

ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان 17 بىنادىن 9 ىدا خىزمەتلەر تاماملاندى، قالغان 8 بىنادا ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر