ئىراقنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 8 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1518694
ئىراقنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا چارلاش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 8 تېررورچى، ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى. »



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر