ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى تۈركىيەگە سەۋر تىلىدى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، ئەزەربەيجان، گىرېتسىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىزمىردىكى يەر تەۋرەش مۇناسىۋىتى بىلەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقىگە سەۋر تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

1519069
ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى تۈركىيەگە سەۋر تىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار ئىزمىردە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېلېفون قىلىپ سەۋر تىلىدى.

ئەرسىن تاتار قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ھەر دائىمقىدەك ئانادولۇدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، ئىزمىرنىڭ سەفەرىھىسار ناھىيەسىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە، ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئىلھام ئەلىيېۋ ئىزمىردە يەر تەۋرىگەنلىكىدىن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سەۋر تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

 گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىچوتاكىس يەر تەۋرەش مۇناسىۋىتى بىلەن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلدى. ئىككى رەھبەر بىر-بىرىگە سەۋر تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان زۆرۈر بولغاندا گىرېتسىيەگە ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرالد دارمانىن (Gerald Darmanin de) ئەگە دېڭىزى ۋە گىرېتسىيە ئاراللىرىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيە ۋە گىرېتسىيەنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۋىتتېردا: «فىرانسىيە بۇ قورقۇنچلىق ئىمتىھاندىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن تۈرك ۋە گىرېتسىيە خەلقلىرىنىڭ يېنىدا. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا، فىرانسىيە رايونغا ياردەملىرىنى تېزلىكتە يەتكۈزىدۇ» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېز مىشېل (Charles Michel) تۋىتتېردا: «ئەگە دېڭىزىدا گىرېتسىيە ۋە تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋەقەسىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى ياردەم قىلىشقا تەييار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر