«كۈنسېرى ئۇلۇغۋار نىشانلىرىغا يېقىنلىشىۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 97 ياشقا كىردى»

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ كۈنسېرى ئۇلۇغۋار نىشانلىرىغا يېقىنلىشىۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 97 ياشقا قەدەم قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

1518003
«كۈنسېرى ئۇلۇغۋار نىشانلىرىغا يېقىنلىشىۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 97 ياشقا كىردى»
fuat oktay.jpg
mustafa sentop.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ، جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 97 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ، تارىخ سەھىپىسىگە شانلىق بىر داستان سۈپىتىدە يېزىلغان، تۈركىيە خەلقىنىڭ پولاتتەك ئىرادىسى ۋە پىداكارلىقىنىڭ مىسلىسىز بىر نەمۇنىسى بولغان مىللىي كۈرەشنىڭ زەپەر بىلەن نەتىجىلىنىشىدىن كېيىنلا تارىخىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلىگەن ناھايىتى چوڭ بىر قارارغا ئىمزا قويغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ 1923 – يىلى 29 – ئۆكتەبىر كۈنى جمھۇرىيەت ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭ مىللىي كۈرەشنىڭ يۈرىكى ۋە قارارگاھى بولغان سۈپىتىگە، قۇرغۇچى بولۇش ئالاھىدىلىكىنىمۇ ئىلاۋە قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋە سەپداشلىرىنىڭ، ئانادولۇنى ئىشغال ۋە ئىستېلادىن ئازاد قىلىش بىلەن بىرلىكتە، خەلق بىلەن مەڭگۈ ئايرىلماس مۇناسىۋەت ئورناتقان مەجلىسنىڭ، بۇ قېتىم قۇرۇلغان يېڭى دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت شەكلىنى بەلگىلىگەنلىكىنى، مىللىي ئىرادىنىڭ قىلچە بەس – مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئۈستۈنلۈكى ۋە قۇدرىتىنى نامايەن قىلىپ، پارلاق ئىستىقبال ئۈچۈن يېڭى بىر داغدام يول ئاچقانلىقىنى قەيت قىلغان شەنتوپ، بۇ قارارنىڭ پەقەت بىر ھاكىمىيەت شەكلىنى ئېلان قىلىشتىنمۇ بەكرەك چوڭقۇر ئۇقۇملارغا، يەر يۈزىنىڭ مەزلۇم ۋە ئېزىلگەن مىللەتلىرىگە يول كۆرسىتىدىغان مەشئەل ھەم ئۈلگىگە ئىگە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاتاتۈركنىڭ بۇ بۈيۈك مىراسىنىڭ، خەلقنىڭ، مىللەت ئىرادىسى ۋە قەتئىي تىز پۈكمەس ئالىيجاناب روھىنىڭ ئۈستىدە پارلاق ئىستىقبالغا قاراپ سابىت قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن شەنتوپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «مىللەتچە ئورتاقلىشىۋاتقان بۇ تەنتەنىلىك ۋە چەكسىز ھاياجانلىق كۈندە دۆلىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى، ئىستىقلال ۋە ئەركىنلىك قەھرىمانلىرىمىزنى، ئەزىز شېھىتلىرىمىزنى ۋە غازىلىرىمىزنى چەكسىز ئىپتىخارلىق ۋە ھۆرمەت تۇيغۇچىسى ئىچىدە ياد ئېتىمەن، جۇمھۇرىيەتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 97 – يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.»

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتايمۇ، 29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىز مۇبارەك بولسۇن! جمھۇرىيەتنى ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە قۇرۇپ چىققانلاردىن ئامانەت ئالدۇق، بۇ ئامانەتكە ئەنە شۇ ئەقىدە ۋە ئاڭنى چۆرىدىگەن ھالدا ساھىب چىقىمىز. دەرۋەقە، ئۇدا 97 يىلدىن بۇيان ئىستىقلالىمىزغا ساداقەت بىلەن ساھىب چىقىۋاتىمىز، جۇمھۇرىيەتنىڭ 100 – يىللىقىغا قاراپ چەكسىز  ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر