29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى تەنتەنىلىك تەبرىكلەنمەكتە

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 97 – يىللىقى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، چەت ئەللەردىكى ۋاكالەتخانىلاردا ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە تۈرلۈك مۇراسىملار ئارقىلىق تەنتەنىلىك تەبرىكلەنمەكتە.

1518022
29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى تەنتەنىلىك تەبرىكلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  پايتەخت ئەنقەرەدىكى تۇنجى مۇراسىم ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى، ھەمدە بۇ يەردىكى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ مەقبەرەسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىڭ مەخسۇس دەپتىرىگە مۇنۇلارنى يازدى:

دۆلىتىمىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كېلىۋاتقان ھەر خىل شەكىلدىكى ھۇجۇملار، بىزنى تىز پۈكتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە، پولاتتەك كۈرەش قىلىش ئىرادىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە، پىداكارلىقىمىزنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرمەكتە. مىسلىسىز زەپەرلەر بىلەن تولۇپ تاشقان ئۆتمۈشىمىزدىن جاسارەت ئېلىپ، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ھەم قېرىنداشلىق رىشتىسى ئىچىدە ئورتاق كېلەچەك ۋە پارلاق ئىستىقبال مەنزىلگاھىمىزغا  قاراپ غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»

مۇراسىمدىن كېيىن، ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى پۇقرالارنىڭ زىيارىتىگە ئېچىۋېتىلدى.

ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدىكى مۇراسىمدىن كېيىن، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا داۋاملىشىدۇ. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ يەردە 29 –ئۆكتەبىر تەبرىكلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەردوغاننىڭ بۇ ئالاھىدە كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن «بەشتەپە سارىيى» دا «مىللىي كۈرەش كۆرگەزمىسى» نى ئېچىشى كۈتۈلمەكتە.

«بەشتەپە سارىيى» دىكى بايرام تەنتەنىسى «جۇمھۇرىيەت بايرىمى كۆرىكى» بىلەن داۋاملىشىدۇ. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە باشلىنىدىغان مۇراسىم يۈرۈشى، بىرىنچى مەجلىستە ئاخىرلىشىدۇ. يۈرۈش ھارپىسىدا مۇزىكا ئەترىتى نومۇر ئورۇنلايدۇ.

29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن، پايتەخت ئەنقەرەدىكى بىر قىسىم ئانا يوللار تاقىلىدۇ.

29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى بۇ مۇراسىملار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا، ئانتاليادىكى پاتارا قەدىمكى شەھىرىدە، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى سىمفونىيە ئوركېستىرىمۇ، ئەنقەرە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 7 دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە «بۈيۈك جۇمھۇرىيەت كونسېرتى» بېرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئاقدېڭىزدا 97 غەۋۋاس مەخسۇس سۇ ئاستى يورۇتۇش ماھارىتى كۆرسىتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر