ئەخلاقسىز ھەجىۋىي رەسىمگە لەنەت ياغدى

فىرانسىيەنىڭ چارلى ھېبدو ژۇرنىلىنىڭ ئەردوغانغا مۇناسىۋەتلىك چىقارغان ئەخلاقسىز سانىغا، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىن لەنەت ياغدى.

1517350
ئەخلاقسىز ھەجىۋىي رەسىمگە لەنەت ياغدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى فۇئات ئوكتاي فىرانسىيەنىڭ ئوڭشالماس قالدۇق ژۇرنىلى چارلى ھېبدونىڭ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مۇناسىۋەتلىك ئەخلاقسىز سانىنى لەنەتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «پىكىر ئەركىنلىكى نامى ئاستىغا يوشۇرۇنۇپ ھېچكىمنى ئالدىيالمايسىلەر! ئوڭشالماس فىرانسىيە قالدۇقىنىڭ جۇمھۇر رەئىسىمىزگە مۇناسىۋەتلىك چىقارغان ئەخلاقسىز سانىنى لەنەتلەيمەن. ئەخلاق ۋە ۋىجدانى بار خەلقئارالىق جامائەتچىلىكنى بۇ رەزىللىككە قارشى ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە چاقىرىمەن» دېدى.

ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھامىت گۈلمۇ تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

ئۇ: «ياۋروپانىڭ ئىنسانىي قىممەتلەردىن نېسىۋىنى ئالالمىغان فاشىستلار، پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيسىلەر. سىلەر ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە توپلىغان قانۇنسىز، ئەخلاقسىز ۋە نومۇسسىزلىققا تولغان سەھىپەڭلارغا ھەر كۈنى بىر يېڭىسىنى قوشۇۋاتىسلەر. شۇنى بىلىپ قېلىڭلار ۋە ئەقلىڭلاردىن چىقارماڭلار: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەرگىزمۇ يالغۇز ئەمەس» دېدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن تۋىتتېردا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى نىشان قىلغان نامدىكى «ھەجۋىي رەسىم» باسقان چارلى ھېبدو ژۇرنىلىنى ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھېچقانداق ئېتىقادقا، مۇقەددەس ۋە مەنىۋى قىممەتكە نىسبەتەن ھۆرمىتى يوق فىرانسىيە ژۇرنىلىنىڭ، جۇمھۇر رەئىسىمىزگە مۇناسىۋەتلىك سانىنى شىددەت بىلەن ئەيىبلەيمىز. بۇلار ئۆزلىرىنىڭ سەتچىلىكلىرىنى ۋە ئەخلاقسىزلىقلىرىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. كىشىنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ھۇجۇم قىلىش، ھەجىۋىيلىك ۋە پىكىر ئەركىنلىكى ئەمەس.»

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇنمۇ تۋىتېتردا بۇ ھەقتە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

ئۇ: «بۇ ژۇرنالنىڭ مەدەنىيەت ئىرقچىلىقى ۋە نەپرەتنى تارقىتىشتكى يىرگىنىشلىك تىرىشچانلىقىنى ئەيىبلەيمىز. بۇ ئاتالمىش ھەجىۋىي رەسىملەر ئىنسانىي ئەخلاقتىن يوقسۇن بولغىنىدەك، ناھايىتى يىرگىنىشلىك. بۇ ئېنىقكى فىرانسىيە رەھبىرىنىڭ ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن ئارزۇ قىلغان چەت ئەللىكلەرگە دۈشمەنلىك قىلىش، ئىسلام ئۆچمەنلىكى ۋە چىدىغۇسىز مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ مەھسۇلى» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ پۇقرالارغا ھەر تۈرلۈك زوراۋانلىق ۋە ئىسلام نامىدىكى ھەر تۈرلۈك تېررورلوق ھەرىكىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«ئىرقچى، چەت ئەللىكلەرگە دۈشمەنلىك قىلىش، ئىسلام قورقۇنچى ۋە يەھۇدىي دۈشمەنلىكىدەك ئىغۋاگەرچىلىكلەر، بىزنى ئوخشاش ئۇسۇلدا جاۋاب قايتۇرۇشقا كۈشكۈرتمەيدۇ. جۇمھۇر رەئىسىمىز دۇنياۋى ۋىجداننىڭ ئاۋازى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. تۈركىيە كۈچلىنىدۇ. فاشىزم ۋە فاشىستلار مەغلۇب بولىدۇ. بارلىق ئەقلى جايىدا بولغان ياۋروپالىق دوستلارنى بۇ خىل ئىپتىدائى مەدەنىيەت ئىرقچىلىقىغا، ئەقلىي كەمتۈكلۈككە ۋە مەدەنىيەتسىز گەپ-سۆزلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشقا چاقىرىمىز.»

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى(AK Parti)  باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك چارلى ھېبدو ژۇرنىلىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئاڭ، كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈرىدىغان نۇقتىغا يەتتى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قەتئىي مەيدانى، بۇ نەپرەت سېپىنىڭ ئىككى يۈزلىمىچى ئەخلاقسىزلىقىنى ئۈستەلدە ۋە مەيداندا داۋاملىق مەغلۇب قىلىدۇ. ئېتىقادلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان بارلىق كىشىلەرنى مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئۆچمەنلىككە تولغان سانىنى لەنەتلەيمەن.»  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر