تۈركىيە ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان پۇقرالىرىغا قىلغان «ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھۇجۇم» لىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەزەربەيجاننىڭ بەردە شەھىرىگە قىلىنغان ئەرمېنىيە ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈشنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى.

1517444
تۈركىيە ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان پۇقرالىرىغا قىلغان «ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھۇجۇم» لىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئەرمېنىيەنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغانلىقىغا قارىماستىن، ئەزەربەيجاننىڭ توقۇنۇش رايونى سىرتىدىكى پۇقرالار ئولتۇراق رايونىلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ بارلىق ئالەمشۇمۇل ئىنسانىي ۋە ئەخلاقىي قىممەت قاراشلارنى ئاياق ئاستى قىلغانلىق ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە بەردە شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا بىر كىچىك بالىنى قوشقاندا، 4 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 13 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن  رەھمەت، يارىدارلارغا بالدۇرراق شىپالىق  تېلەش بىلەن بىرگە بارلىق ئەزەربەيجان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «ئەرمېنىيەنىڭ بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ۋىجدان ئىگىسى ۋە مەسئۇلىيەتچان دۆلەتلەرنى ئەرمېنىيەنىڭ داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر