تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ماكروننى لەنەتلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشى فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكىگە ئالاقىدار باياناتلىرىنى لەنەتلەش مەزمۇن قىلىنغان قارارنامىنى ماقۇللىدى.

1517197
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ماكروننى لەنەتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكروننىڭ ئىسلامغا قارشى پوزىتسىيەلىرىگە قارىتا ھەممە كىشى سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىنغان  قارارنامىدە مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە گۇرۇپپىسى بار سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ئىسلام دىنىغا، ئۇنىڭ ئەزىز پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئىغۋاگەرلىك، ھۆرمەتسىزلىك تۈسىنى ئالغان خەۋپلىك باياناتلىرىنى قاتتىق لەنەتلەيمىز ۋە پاش قىلىمىز؛ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سوغۇققان جامائەت ئەربىابلىرىنى، سىياسىيونلارنى، مۇتەپەككۇرلارنى، سەنئەتكارلارنى ۋە تۈرلۈك جەمئىيەتلەرنى بۇ قەبىھ پوزىتسىيەلەر ئالدىدا سوغۇققانلىق ۋە تىنچلىق تەرىپىدە تۇرۇشقا چاقىرىمىز. قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىش؛ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە كۆپ خىللىق ئېڭىنى، ئىرىقچىلىق ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە ئايلىنىپ قېلىشىغا يول ئاچقان زەھەرلىك مۇھىتنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ئۆرنەكلىرى بولۇشتىن ھالقىتىپ، دۆلەت باشلىقلىرى ۋە بىر قىسىم سىياسىيونلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق قانۇنىي  تۈسكە ئىگە قىلىش ۋە كەڭ ئومۇملاشتۇرۇشتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر