مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجانلىق مەنسەپدىشى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن كۆرۈشتى.
1517390
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى مىنىستىر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتە تاغلىق قاراباغ مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئەزەربەيجانلىق مەنسەپدىشى بايراموۋ ئوتتۇرىسىدىكى تېلېفون سۆھبىتىنىڭ نۇقتىلىق تېمىسى تاغلىق قاراباغدىكى يېڭى ئىلگىرىلەشلەر بولدى.
ئىككى مىنىستىر رايوننىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئەرمېنىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىشلىرى ۋە پۇقرالار ئولتۇراق رايونلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرى مۇزاكىرە قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
چاناققەلەدە ئونلارچە تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى
تۈركىيە دېڭىز ساقچى ئەترىتى ئەگە دېڭىزىنىڭ شىمالىدا ئىككى قېتىم قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.