چاۋۇشئوغلۇ پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەيشى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1517398
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى مىنىستىرنىڭ تۈنۈگۈن كەچتىكى تېلېفون سۆھبىتىدە، ياۋروپادا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكىدىن سىرت يەنە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.