شەنتوپ ئەردوغاننىڭ بايقۇت چاقىرىقىنى قوللىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ فىرانسىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىنى قوللىدى.

1516515
شەنتوپ ئەردوغاننىڭ بايقۇت چاقىرىقىنى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىشتا باش رول ئويناۋاتقان فىرانسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى، جۇمھۇر رەئىسىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىشقا كىرىشتۈرگەن، فىرانسىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلىش، پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭمۇ كۈچلۈك قوللىشى ئاستىدا كەڭ دائىرىلىك ئىشقا ئېشىشى زۆرۈررىيەتتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر