ھاتايدا ساقچىلاردىن قاچقان ئادەم بومبا ئۆزىنى پارتلاتتى
ھاتاي شەھىرىنىڭ ئىسكەندېرۇن ناھىيەسىدە بىر تېررورىست گۇماندارى ئۆزىنى پارتلاتتى.
1516332
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوى خەۋىرى: ساقچىلار ھاتاينىڭ ئىسكەندېرۇن ناھىيەسىدىكى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا ئىككى تېررورىست گۇماندارىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى. بۇ جەرياندا، ئاپتوموبىل بىلەن قېچىشقا ئۇرۇنغان بىر تېررورىست ئۆزىنى پارتلاتتى.
ساقچىلارنىڭ يەنە بىر تېررورىستنى تۇتۇش ئۈچۈن تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئادەم بومبا ئۆزىنى پارتلاتقاندا، بىر ساقچى يېنىك يارىلاندى. ھېچقانداق ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلمىدى. پارتلاش يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا، نۇرغۇن ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ۋە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى ئەۋەتىلدى.