ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى ئەڭ ئاۋات 5- ئايرودۇرۇم بولدى

ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمى 20-ئۆكتەبىر كۈنى ئىشقا ئاشۇرۇلغان 429 نۆۋەتچى ئايروپىلان سەپىرى بىلەن ياۋروپادىكى ئەڭ ئاۋات 5 – ئايرودۇرۇم بولدى.

1515111
ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى ئەڭ ئاۋات 5- ئايرودۇرۇم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئاۋىياتسىيە يول باشلاش بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە جەمئىي 429 نۆۋەتچى ئايروپىلان سەپىرى ئىشقا ئاشۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن، سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمى، «ياۋروپادىكى ئەڭ ئاۋات 5 – ئايرودۇرۇم» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلان سەپەرلىرىدە،  560 نۆۋەتچى ئايروپىلان سەپىرى بىلەن، ئامىستېردام (گوللاندىيە) - شىپول ئايرودۇرۇمى  بىرىنچى، 492 نۆۋەتچى ئايروپىلان سەپىرى بىلەن، پارىژ (فرانسىيە) - چارلېز دېگول ئايرودۇرۇمى ئىككىنچى، 452 نۆۋەتچى ئايروپىلان سەپىرى بىلەن، لوندون (ئەنگىلىيە) - ھېسروۋ ئايرودۇرۇمى ئۈچىنچى، 443 نۆۋەتچى ئايروپىلان سەپىرى بىلەن، گېرمانىيە - فىرانكفورت ئايرودۇرۇمى تۆتىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر