ئوكتاي بېرلىندا گېرمانىيە ساقچىلىرىنىڭ «مەۋلانا جامەسى» نى ئاختۇرۇشىنى ئەيىبلىدى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي گېرمانىيە ساقچىلىرىنىڭ پايتەخت بېرلىندىكى «مەۋلانا جامەسى» نى ئاختۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1514452
ئوكتاي بېرلىندا گېرمانىيە ساقچىلىرىنىڭ «مەۋلانا جامەسى» نى ئاختۇرۇشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «سوئال – سوراقسىز ۋە ئۆلچەمسىز بىر شەكىلدە بامدات نامىزى ئەسناسىدا، گېرمانىيە ساقچىلىرىنىڭ پايتەخت بېرلىندىكى <مەۋلانا جامەسى> نى ئاختۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن.»

بېرلىن تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ساقچىلىرىنىڭ، بۇ پوزىتسىيەسى تۈپەيلى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىن كەچۈرۈم سورىشى لازىملىقىنى ئېيتقان ئوكتاي، «مەۋلانا جامەسى» جامائىتىدىنمۇ ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر