تۈركىيە «S-400» ھاۋا قالقان سىستېمىسىنى سىناق قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنغان «S-400» ھاۋا قالقان سىستېمىسىنىڭ سىناق قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1514839
تۈركىيە «S-400» ھاۋا قالقان سىستېمىسىنى سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان«S-400» ھاۋا قالقان سىستېمىسىنىڭ سىناق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «سىناق قىلىندى، ھەم قىلىنىۋاتىدۇ. ئامېرىكانىڭ سەلبىي پوزىتسىيەسى، بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بىز قولىمىزدىكى ئىمكانىيەتلىرىمىزنىڭ سىناقلىرىنى قىلماي، نېمىنى قىلىمىز؟ بۇنى ئامېرىكادىن سورايدىغان ھالىمىز يوق. پەقەت ‹S-400› لەرنىلا ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن قوراللارنى سىناق قىلمىز. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ سىناق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. گىرېتسىيەنىڭ قولىدا ‹S-300› لەر بار. ئۇلار سىناق قىلىش ئەمەس، رەسمىي ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئۇلاردىن بىر نەرسە سورىدىمۇ؟ بىز قەتئىيلىك بىلەن يولىمىزنى ئوخشاش ئۇسۇلدا داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇ ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئەرمېنىيەنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ئۇچرىشىشلارغا تۈركىيەنىڭمۇ قاتنىشىش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تۇتقان ئىپادىسىنى بىر ياققا تاشلاپ قويۇش مۇمكىن ئەمەس. بۇ يەردە رۇسىيە مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋە تىنچلىق ئۈچۈن قاتنىشىشنى قانچىلىك ئويلىغان بولسا، تۈركىيەنىڭمۇ ئاز دېگەندە رۇسىيەگە ئوخشاش قاتنىشىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەسلىدە بۇ مەسىلىدە ھازىرغىچە رۇسىيەدىن سەلبىي ئۇچۇر كەلمىدى. رۇسىيەنىڭ بۇ ھەقتە تۈركىيە توغرىسىدا سەلبىي ئۇچۇرلىرى يوق. بىز ھازىرغىچە مەيلى ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە مەسىلىسى بولسۇن، ياكى باشقا مەسىلىلەردە، يەنى سۈرىيەدە بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك قەدەملەرنى تاشلاپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر