تۈرك باش ئەلچى، شۇمېرنىڭ تۈركىيەگە قاراتقان ئەيىبلەشلىرىگە رەددىيە قايتۇردى

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەردار قىلىچ، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئامېرىكالىق دېموكراتچى پالاتا ئەزاسى چاك شۇمېرغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1514516
تۈرك باش ئەلچى، شۇمېرنىڭ تۈركىيەگە قاراتقان ئەيىبلەشلىرىگە رەددىيە قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەردار قىلىچ باياناتىدا، چاك شۇمېرغا قارىتىپ، «ئۆزۈڭلارنىڭ ئىچكى سىياسىي پىلانلىرىڭلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە قارشى (ئىلگىرى سۈرۈلگەن) ئاساسسىز دەۋالارغا ئېسىلىشىڭلار، تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. ئەگەر راستىنلا رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغان بولساڭلار، <شېرىڭىلار> (پ ك ك / ي پ گ) نىڭ راققەدىكى قىلمىشلىرىغا ۋە تۈركىيە بىلەن سۈرىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارىساڭلار، تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە كوردلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ۋە ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى ئۇلغايتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن شۇمېر، ئۆزىنىڭ تۈركىيەنى ئەيىبلەشنى ئاۋازنى قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بىراق جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ بۇنىڭغا قارشى چىققانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر