تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ «ئەركىن ئوت ئېچىش - 2020» پائالىيىتى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوت ئېچىش كۈچى نامايان قىلىنىدىغان «ئەركىن ئوق چىقىرىش - 2020» پائالىيتىدە نىشانلار دەل قارىغا ئېلىنىپ بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئەركىن ئوق چىقىرىش - 2020» پائالىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك ياشار گۈلەر، ھەرقايسى قوماندانلىقلارنىڭ قومانلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئەنقەرەنىڭ پولاتلى ناھىيەسىدىكى گېنېرال نىھات شەنئوغۇل ئېتىش ۋە مانىۋېر ئۆتكۈزۈش رايونىدا باشلاندى.
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوت ئېچىش كۈچىنى نامايان قىلىش ۋە ھەرقايسى قىسىملارنىڭ ئوت ئېچىش جەھەتتىكى ئۆزئارا ماسلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان پائالىيەتكە قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەلىرى بىلەن ئالاھىدە ھەرىكەت قوماندانلىقى قارمىقىدىكى 1096 خادىم ئىشتىراك قىلدى.
تۆت دانىسى يېڭىدىن تۈركىيە ئارمىيەسى قوراللىرى قاتارىغا سەپلەنگەن قوراللارمۇ تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلگەن پائالىيەتتە، 37 قورال سىستېمىسى بىلەن نىشانلار يوقىتىپ تاشلاندى.
«ئەركىن ئوق چىقىرىش - 2020» پائالىيىتىدە تۈركىيە ئۆزى ئىشلەپچىقارغان زەمبىرەكلەر، قورقۇت ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى، پىيادە قىسىملار مىلتىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرخىل قوراللارمۇ ئۇتۇقلۇق ھالدا سىناقتىن ئۆتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئەردوغان مالايشىياغا يۈرۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مالايشىيادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.