ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان تېررورچىلار قولغا چۈشۈرۈلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ تاغدىكى ئەزالىرى ئىچىدىن چوڭ شەھەرلەردە ۋەقە قىلىش ئۈچۈن تەربىيەلەنگەن 4 ئەزاسى قولغا چۈشۈرۈلدى.

1512157
ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان تېررورچىلار قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىيارباكىر ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىقى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ تاغدىكى ئەزالىرى قاتارىغا 2013 – يىلى قوشۇلغان 4 تېررورچىنىڭ چوڭ شەھەرلەردە پارتلاتقۇچ ماددىلارنى ئىشلىتىپ ۋەقە پەيدا قىلىش ئۈچۈن تەربىيەلەنگەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ تەشكىلاتنىڭ شەھەرلەردە «ئۇيقۇدىكى يوشۇرۇن» شايكىلار سۈپىتىدە تەييار ھالەتتە تۇرۇاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى.  

16 – ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇل ۋە دىيارباكىردا بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا قولغا چۈشۈرۈلگەن 4 گۇماندار، ژاندارما قوماندانلىقىدىكى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن ئەۋەتىلگەن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن «قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىندى.

مەزكۇر تېررورچىلاردىن ئى.ك نىڭ دىيارباكىر دۆلەت دوختۇرخانىسىدا ئىشلەيدىغانلىقى ئېنىقلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر