ئۆمەر چەلىك ئەرمېنىيەنى قوللىغان دۆلەتلەرنى قاتتىق ئەيىبلىدى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئەرمېنىيەنىڭ قاراقچى دۆلەتتەك مۇئامىلە قىلىۋاۈتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئەرمېنىيەنى قوللىغانلار قىرغىنچىلىقلارنىڭ ئاساسلىق جىنايەتچىلىرىدۇر» دېدى.

1511162
ئۆمەر چەلىك ئەرمېنىيەنى قوللىغان دۆلەتلەرنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك تىۋىتتېر ھېسابىدىكى يازمىسىدا، ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئەزەربەيجاندىكى پۇقرالارغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى ئۈستىدە توختىلىپ، «لىۋىيەدە كوللىكتىپ مازارلىقلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرغانلار، ئەزەربەيجان زېمىنىدىمۇ پۇقرالارنىڭ قەتلىئامقىلىنىشىنىڭ ئارقىسىدا تۇرماقتا. ئەرمېنىيە ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتچىدۇر. ئەرمېنىيەنى قوللىغانلار ئىلگىرى ياۋروپا باشتىن كەچۈرگەن ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە باشقا رايونلارنى دۇچار قىلىشتىن چېكىنمەيۋاتىدۇ. ئەرمېنىيە ئۇرۇش قىلمايۋاتىدۇ، بەلكى يۈرۈشلۈك قاتىلغا ئوخشاش قاتىللىق قىلىۋاتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر