ئەردوغان قارا دېڭىزدىن ئىككىنچى خۇش خەۋەرنى بەردى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قارا دېڭىزدىكى ساكاريا ساھەسىنىڭ تۇنا 1 قۇدۇقىدىن چىقىرىلىش ئالدىدا تۇرغان تەبىئىي گازنىڭ مىللەتكە خەيرىلىك بولىشىنى  تىلىدى.

1511111
ئەردوغان قارا دېڭىزدىن ئىككىنچى خۇش خەۋەرنى بەردى
erdogan fatih 2.jpg
Fatih sondaj gemisi.jpeg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، «تونا 1 قۇدۇقىدىن يېڭى چىقىرىلىدىغان 405 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گازنىڭ دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىز ئۈچۈن خەيرىلىك ۋە بەرىكەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن» دېدى.

ئەردوغان ھەمبەھىرلىگەن «تەبىئىي گازدا سىرتقا تايىنىشنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايتىمىز» ماۋزۇلۇق جەدۋەلدە مۇنۇلار قەيت قىلىندى:

«قارا دېڭىزدا بايقىغان تەبىئىي گاز زاپىسى دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرغىچە بايقىغان ئەڭ چوڭ ھىدرو كاربون بايلىقىدۇر. بۇ بايقاشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئىنشائاللاھ بۇ بايقاشلار دۆلىتىمىزنىڭ تەبىئىي گازدا سىرتقا تايىنىشىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايتىدۇ. بىزنىڭ تەرەققىيات ۋە ئېشىش تىرىشچانلىقىمىزنىڭ ئاساسىي سالمىقىنى تەشكىل قىلىدىغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئۈچۈن چەتئەللەرگە تۆلەيدىغان پۇل نىسبىتىمىزنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن بۇ مۇلازىمەتلەرنى خەلقىمىزگە تېخىمۇ ئەرزان باھادا سۇنالايدىغان بولىمىز. بۇ ئارقىلىق دۆلىتىمىزدە قالغان بايلىقلارنىمۇ سېلىنمىغا، ئىشلەپچىقىرىشقا ۋە خىزمەت ئىمكانىيىتى يارىتىشقا يۈزلەندۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىمىز»

جەدۋەلدە خىزمەتلەرگە ئالاقىدارتۆۋەندىكى ئۇچۇرلار ئورۇن ئالدى:

«تۇنا 1 قۇدۇقىنىڭ ئالدىنقى ئىككى قاتلىمىدا 320 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز تېپىلدى. بۇرغىلاش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پاراخوتىمىز 4445  مېتىر چوڭقۇرلۇققا يەتتى. بايقىغان زاپاسقا يەنە 85 مىليارد كۇب مېتىر قوشۇلغان بولدى. تۇنا 1 قۇدۇقىدىكى خىزمەت ئاخىرلاشتى. بۇرغىلاش پائالىيەتلىرى ساكاريا ساھەسىدىكى تۈركالى 1 قۇدۇقىدا داۋاملىشىدۇ. يەرلىك ۋە دۆلەت ئىمكانىيەتلىرىمىز بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان بايقاش روبىتىنىڭ ياردىمىدە، دېڭىز ئاستىدىكى خىزمەتلەر داۋاملىشىدۇ. بۇرغىلاش پاراخوتلىرىمىز دۇنيادىكى چوڭقۇر دېڭىز بۇرغىلاش ئەترىتىنىڭ تەخمىنەن%20 نى تەشكىل قىلىدۇ »

ئەردوغان تۈنۈگۈن فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، تۇنا 1 قۇدۇقىدا 85 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالغانلىقى ۋە بۇ بايقاش بىلەن تۇنا 1 رايونىدىكى تەبىئىي گاز زاپىسى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 405 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكەنلىكى ھەققىدە خۇش خەۋەر بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر