ئاقار ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1510795
ئاقار ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى مىنىستىرنىڭ، ئەزەربەيجاننىڭ ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئاقار، فۇزۇلىنى ئىشغالدىن ئازاد قىلغان ۋە پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئەرمېنىيەنىڭ ھازىرغىچە ئىككى دانە « SU-25» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «ئەرمېنىيە ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىشنى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش چاقىرىقىدا بولغانلار، ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى يىراقتىن كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر