ئەمىنە ئەردوغان ئولېنا زېلېنىسكى بىلەن بىرلىكتە «دولماباھچە سارىيى» نى زىيارەت قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان تۈركىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكىنىڭ رەپىقىسى ئولېنا زېلېنىسكى بىلەن بىرلىكتە «دولماباھچە سارىيى» نى زىيارەت قىلدى.

1510727
ئەمىنە ئەردوغان ئولېنا زېلېنىسكى بىلەن بىرلىكتە «دولماباھچە سارىيى» نى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرلۈك مەسىلىلەر بويىچە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرتۇشتا بولغان ئەمىنە ئەردوغان بىلەن ئولېنا زېلېنىسكى، «دولماباھچە سارىيى» قارمىقىدىكى بىر مۇزېينىمۇ ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.

ئەمىنە ئەردوغان، زىيارەتتىن كېيىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىي بايلىقلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مىسلىسىز ئىستانبۇل مەنزىرىسىنىڭ ئالدىدا كۆڭۈللۈك سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا زىيارەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا چىن دىلىمدىن ئىشىنىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر