27 يىللىق تېررورچى تەسلىم بولدى

شىرناقنىڭ «جۇدى تېغى» رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1510844
27 يىللىق تېررورچى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «چاقماق – 13 بەستلەر دەريالار» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، «جۇدى تېغى» رايونىدا، شىرناق ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق ئالاھىدە قىسىم ۋە ئالاھىدە ئەترەتلەرنىڭ، ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 27 يىللىق بىر تېررورچىنىڭ شانلىئۇرفادا تاغدىن چۈشۈپ تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋان ۋىلايىتىدىمۇ ساقچى ئەترەتلىرىنىڭ قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى بىر تېررورچى تەسلم بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر