ۋىلادىمىر زېلېنسكىي تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.

1510026
ۋىلادىمىر زېلېنسكىي تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىينىڭ زىيارىتى دائىرىسىدىكى ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى كەڭ دائىرىدە مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

ھەمكارلىقنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئۇچرىشىشلاردا، رايون ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر