تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق پاتېنت ئىلتىماسىدىكى ئورنى يۈكسەلدى
تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق پاتېنت ئىلتماسلىرى دۇنيا بويىچە 13 – ئورۇنغا يۈكسەلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك، پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «پاتېنت ھوقۇقىدا تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تۇتقان ئورنى – 2 – دۆلەتلىك دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارا پاتېنت مۇسابىقىسى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى» دا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «خەلقئارالىق پاتېنت ئىلتىماسلىرىمىز 2019 – يىلى % 47 ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن، تۇنجى قېتىم دۇنيا بويىچە 13 – ئورۇنغا يۈكسەلدۇق.»
بۇ ئېشىشنىڭ، تۈركىيەدە ماشىنىسازلىق، دورا، خىمىيە، كومپىيۇتېر، ئېلېكتىر ۋە ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق يۇقىرى تېخنولوگىيەلىك ساھەلەردىكى يېڭى بايقاشلاردىن قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋارانك، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «شۇنداق قىلىپ، بىز تۇنجى قېتىم دۇنيا بويىچە 13-ئورۇنغا يۈكسەلدۇق. جۈملىدىن، ھىندىستان، ئىسرائىلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە فىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئارقىدا قالدۇردۇق.»