چاۋۇشئوغلۇ تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان، رۇسىيە ۋە چېخىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1510146
چاۋۇشئوغلۇ تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان، رۇسىيە ۋە چېخىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان ئۇچۇرلاردا بىلدۈرۈلىشىچە، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۈستۈن قاراباغ مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ يەنە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئۇ سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۈستۈن قاراباغ، ئەرمېنىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا قىلغان خىلاپلىقلىرى، پۇقرالارغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرى ۋە تەرتەردە جىنازا مۇراسىمىغا قىلغان ھۇجۇمى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، 2020-يىلى 10-ئۆكتەبىر شۇ يەر ۋاقتى 12:00 دىن باشلاپ تاغلىق قاراباغدىكى جەسەتلەر ۋە ئەسىرلەرنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش تەكلىپ قىلىنغان ئىنسانپەرۋەرلىك مەقسىتىدىكى ئۇرۇش توختىتىش قارار قىلىنغان ئىدى.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش قارار قىلىنىپ ئارىدىن 24 سائەت ئۆتمەستىن ئەزەربەيجاننىڭ گەنجە شەھىرىگە قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا توققۇز كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 34 كىشى يارىلانغان ئىدى.

تۈنۈگۈن (2020-يىلى 15-ئۆكتەبىر) ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ تەرتەر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن جىنازا مۇراسىمىغا قىلغان ھۇجۇمىدا تۆت كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، تۆت كىشى يارىلاندى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ چېخىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توماس پېترىجېك (Tomas Petricek) ۋە لىتۋانىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئارتىس پابرىكس (ArtisPabriks) بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر