ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1509347
ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە،  تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە مەسىلىسى، سۈرىيە ۋە لىۋىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەزەربەيجان زېمىنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، يېڭى بىر كىرىزىسنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئەرمېنىيەنىڭ، تەخمىنەن 30 يىلدىن بۇيانقى ئىشغالىيىتىنى مەڭگۈلۈك ھالغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ مەيلى مىنىسك گۇرۇپپىسى ئىچىدىكى سالاھىيىتى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسىدە بولسۇن، بۇ كىرىزىسنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.

ئۇ يەنە، سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىش باسقۇچىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئالغا ئىلگىرىلەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر