ھاككارى ۋە شىمالىي ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

ھاككارى ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 13 ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

1509402
ھاككارى ۋە شىمالىي ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ ھاككارىدا پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سەككىز ئەزاسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ھاككارىدا ئىككى بىگۇناھ پۇقرانى ئۆلتۈرگەن ئىدى. كاتو مارىنوستا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە سەككىز تېررورىست ئۆلتۈرۈلدى، قېنىمىز تېخى سوۋۇمىدى، پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەنلەردىن ھېساب سورىلىدۇ» دېدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاكۇرك رايونىدا چارلاش ۋە كۆزىتىش ۋاستىلىرى ئارقىلىق بايقالغان ۋە ھەرىكەتكە ئۆتۈش تەييارلىقىدا بولۇۋاتقان پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بەش ئەزاسىنىڭ ھاۋا ھەرىكىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىللىي ئىسختىبارات تەشكىلاتىنىڭ ئاخباراتى بىلەن، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ك ج ك نىڭ ئىراققا جايلاشقان سىنجاردىكى قوراللىق قانىتىنىڭ ئاتالمىش كاتتىباشلىرىدىن «سەرخات پاتنوس» ناملىق فۇئات زەنگىننىڭ، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىدە بىر تەرەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر