چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىنا مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرىنى قوبۇل قىلدى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىنا مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەمىنە جەپپارنى قوبۇل قىلدى.

1509366
چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىنا مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەمىنە جەپپار مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولغاندىن بۇيان  ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قىرىم داۋاسىنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھەردائىم يېنىدىمىز.»

ئۇكرائىنانىڭ ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش كۈرىشىنى قوللىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر