ئىبراھىم قالىن روبېرت ئوبرىئېن بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرىئېن بىلەن تېلېفونلاشتى.

1508508
ئىبراھىم قالىن روبېرت ئوبرىئېن بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بايانات ئىشلىرى ئىشخانىسى، ئىككى تەرەپنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە لىۋىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر باشتا بولۇپ رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سۆھبەت جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا ئىنسانىي سەۋەبلەر تۈپەيلى (10 - ئۆكتەبىردە) ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشنى قوللايدىغانلىقى، ئۈزۈل – كېسىل چارىنىڭ بولسا، ئەرمېنىيەنىڭ ئۈستۈن قاراباغ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتقان جايلاردىن چېكىنىپ كېتىشى مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئامېرىكا تەرەپكە، ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجاندىكى پۇقرالارنى نىشان قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ، قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان قىلمىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن سۆھبەتتە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى قارارلىرى دائىرىسىدە كونكرېت قەدەم تاشلىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ ئاقدېڭىزنىڭ شەرقىدىكى ياخشى نىيەتلىك شۇنداقلا سۆھبەت مەركەزلىك پوزىتسىيەسى سايىسىدا جىددىيچىلىكنىڭ ئازايغانلىقى تەكىتلەنگەن ۋە يارىتىلغان دىيالوگ مۇھىتىغا ياردەمچى بولىدىغان قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى توغرىسىدىكى ئۈمىدلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۆھبەتتە يەنە، تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويغان شەرقىي ئاقدېڭىز يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ ئامېرىكادىن شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدە ئادىل ۋە بىتەرەپ پوزىتسىيەدە بولۇشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلدى.

لىۋىيە سۆھبەت مۇساپىسىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن، ھافتەر تەرىپىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىنىشنىڭ بولسا، ئەندىشە مەنبەسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن سۆھبەتتە يەنە، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ۋە مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر