ئاقار قاتار ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ئەلغانىمنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار تۈنۈگۈن قاتار ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى لېيتىنانت گېنېرال غانىم بىن شاھىن ئەلغانىمنى قوبۇل قىلدى.

1508025
ئاقار قاتار ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ئەلغانىمنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، خۇلۇسى ئاقارنىڭ ئەلغانىمنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، خۇلۇسى ئاقار بىلەن ئەلغانىمنىڭ ئۇچرىشىشىغا تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك ياشار گۈلەرنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقى، ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت ۋە رايونغا ئالاقىدار مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر