ئەردوغان مېشېل بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى چارلېس مىشېل بىلەن تېلېفونلاشتى.

1507824
ئەردوغان مېشېل بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان تېلېفون سۆھبىتىدە، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ گۈللەندۈرۈلۈشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 18 – مارت كېلىشىمىدە كۆرسىتىلگەن مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى، تاموژنا بىرلىكى ۋە ۋىزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش مەسىلىسدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تۈركىيەنىڭ ياخشى نىيەتلىك پوزىتسىيەلىرىگە قارىماي، گىرېتسىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىۋېتىدىغان قەدەملەرنى تاشلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويغان شەرقىي ئاقدېڭىز يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كونكېرت قەدەملەرنى تاشلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئۇ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەزەربەيجان زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئەرمېنىيەنىڭ، تەبىئىي گاز ۋە نېفىت تۇرۇبا لىنىيەلىرى بىلەن قاتناش يوللىرى كېسىپ ئۆتىدىغان توۋوز رايونىدىن كېيىن گەنجە شەھىرىگىمۇ ھۇجۇم قىلىپ، ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى» مەسىلىسىدە تۇراقلىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر