فۇئات ئوكتاي: ئەرمېنىيە ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزمەكتە

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ئەرمېنىيەنىڭ ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1507256
فۇئات ئوكتاي: ئەرمېنىيە ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزمەكتە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچىرىدا، «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلۈپ، ئارىدىن 24 سائەتمۇ ئۆتمىگەن بىر پەيتتە، ئەرمېنىيە يەنە پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزمەكتە. خەلقئارا جامائەتچىلىك بۇ ئىككى يۈزلىمە پوزىتسىيەنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئەرمېنىيەنىڭ جىنايەتلىرىگە شېرىك بولماقتا. شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت تېلەيمەن» دېدى.

ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان، رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا 10 - ئۆكتەبىر شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 12:00 دىن باشلاپ تاغلىق قاراباغدىكى دەپنە مۇراسىملىرى ۋە مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن  ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش قارارى ماقۇللىغان ئىدى.

ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلۈپ، ئارىدىن 24 سائەتمۇ ئۆتمىگەن بىر پەيتتە، ئەزەربەيجاننىڭ گەنجە شەھىرىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە، 9 كىشى قازا قىلغان ۋە 34 كىشى يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر