تۈركىيە: ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەگە ئاخىرقى قېتىم چېكىنىش پۇرسىتى بەردى

تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ ئەرمېنىيەگە ئاخىرقى قېتىم تاغلىق قاراباغدىن چېكىنىش پۇرسىتى بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1506455
تۈركىيە: ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەگە ئاخىرقى قېتىم چېكىنىش پۇرسىتى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «2020 – يىلى 27 – ئۆكتەبىر كۈنى باشلانغان قوراللىق توقۇنۇشلاردا ئەزەربەيجان، تەخمىنەن 30 يىلدىن بۇيان ئىشغال ئاستىدا تۇرۇۋاتقان زېمىنلىرىنى ئۆز كۈچى ۋە ئىشەنچىسىگە تايىنىپ قايتۇرۇۋالايدىغانلىقىنى ئەرمېنىيە ھەم پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلدى. بۇ باسقۇچتا، پۈتكۈل دۇنيادىن ئىنسانپەرۋەرلىك سەۋەبىدىن ئۇرۇش توختىتىش تەلەپلىرى كەلدى. ئەزەربەيجانمۇ ئاخىرقى قېتىم ئەرمېنىيەگە ئىشغال ئاستىدىكى ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدىن چېكىنىشى ئۈچۈن پۇرسەت بەردى.

ئىنسانپەرۋەرلىك مەقسىتىدە ئەسىر ۋە مېيىت ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، كىرىزىسنى ھەل قىلىش يولىدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ كېلىشىم، ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. تۈركىيە باشتىن تارتىپلا پەقەت ئەزەربەيجان قوبۇل قىلغان قارارلارنىلا قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. ئەنقەرە بۇ ئاڭنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، ئۇرۇش مەيدانىدىمۇ، سۆھبەت ئۈستىلىدىمۇ جانجىگەر قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر