تۈركىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى قىبرىس مەسىلىسىگە بىتەرەپ مۇئامىلە قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى قىبرىستىكى ئۆزگىرىشلەرگە بىتەرەپ مۇئامىلە قىلىشقا چاقىردى.

1506333
تۈركىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى قىبرىس مەسىلىسىگە بىتەرەپ مۇئامىلە قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «قىبرىسنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى» تېمىلىق يىغىنى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تۈنۈگۈنكى يىغىنىدا، تاقاق ماراش رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ھەمدە بۇ دائىرىدە، خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن باياننامە ئېلان قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتنى تولۇق قوللايدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «قىبرىس تۈرك دائىرىلىرىنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زېمىنى بولغان تاقاق ماراش رايونى ھەققىدە چىقارغان قارارى، ئىشلىتىلىشكە ئېچىۋېتىلگەن رايوندا ھېچقانداق بىر ناھەقچىلىككە يول ئاچمايدۇ، رايوننىڭ سالاھىيىتىدە ئۆزگىرىش بولغىنىمۇ يوق. جۈملىدىن، بۇ قارارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار دەۋا ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرەلمەيدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنى، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنى ئەمەس، ئەكسىچە ئارالدىكى ھەقىقەتلەرنى نەزەرگە ئېلىشقا، ھەمدە ئۆزگىرىشلەرگە بىتەرەپ مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرىمىز. ھازىرقى ھالەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش نە قىبرىس ئارىلىنىڭ ئورتاق ساھىبى بولغان تۈركلەر بىلەن رۇملاردىن ئىبارەت ئىككى خەلقكە، نە قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا پايدىسى يوقتۇر.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ 6 – ئۆكتەبىر كۈنى تاقاق ماراشنىڭ دېڭىز بويىنى خەلقنىڭ خىزمىتىگە ئېچېتىش قارارى توغرۇلۇق يېپىق ھالەتتە يىغىن چاقىرغان، يىغىندىن كېيىن، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى ماراشنىڭ دېڭىز بويىنى ئېچىش قارارىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر