«ئەرمېنىيە ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا»

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1506109
«ئەرمېنىيە ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۇيىقەستلىك پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كويىدا بولۇۋاتقان ئەرمېنىيەنىڭ، ئەزەربەيجاننىڭ پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرىدىن گورانبوي، تەرتەر، ئاغدام ۋە فۇزۇلى رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئۇرۇش ئوتىنى تاغلىق قاراباغنىڭ سىرتىدىكى پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرىغا تۇتۇشتۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان ئەرمېنىيە ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر