ئەردوغان: بىز ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئالدىدا ئېگىلمىدۇق، ئېگىلمەيمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «بىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا - رۇكۇدا باش ئېگىمىز، باشقا ھېچبىر كۈچنىڭ ئالدىدا ئېگىلمىدۇق، ئېگىلمەيمىز» دېگەن سۆزلىرىنى ھەمبەھرىلىدى.

1505734
ئەردوغان: بىز ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئالدىدا ئېگىلمىدۇق، ئېگىلمەيمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۆزىنىڭ بىر يىغىلىشتىكى نۇتۇقىدىن ئارىيە ئېلىنغان «بىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا - رۇكۇدا باش ئېگىمىز، باشقا ھېچبىر كۈچنىڭ ئالدىدا ئېگىلمىدۇق، ئېگىلمەيمىز» دېگەن ئىبارىلەر بار سىن كۆرۈنۈشنى «قىسقىغىنا ئەسلەتمە» دېگەن ئىزاھات بىلەن بىرلىكتە ھەمبەھرىلىدى.

ئەردوغاننىڭ «قىسقىغىنا ئەسلەتمە» ئىزاھاتى بىلەن بىرلىكتە ھەمبەھرىلىگەن سىن كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭ خەلقكە خىتاب قىلغان خىتابىدىكى، «بىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا - رۇكۇدا باش ئېگىمىز، باشقا ھېچبىر كۈچنىڭ ئالدىدا ئېگىلمىدۇق، ئېگىلمەيمىز. بۇنى مۇشۇنداق بىلگەيسىلەر» دېگەن ئىبارىلەر بار بۆلۈم ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر